سەبىيلەر شىركىتىنىڭ لىدىرى ئامېرىكا ئىقتىساد مۇنبىرىدە
سەبىيلەر شىركىتىنىڭ لىدىرى ئامېرىكا خارۋارد ئىقتىساد مۇنبىرىدە
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سىموۋۇل خارەكتىرلىك رايونى
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك پائالىيىتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئېچىلىش مۇراسىمى، ئىگلىك تىكلەش مۇسابىقىسى، مۇنبەر، قىزىق نۇقتا سالونى ۋە خادىم تەكلىپ قىلىش يىغلىشى قاتارلىق باسقۇچلاردىن تەركىب تاپقان.
نىيۇيورك ۋاقتى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا مۇنبەر غەلبىلىك باشلاندى.
بۇ قېتىملىق خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرىگە ئەرقال كارخانچىلار كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇھەممەتجان كېرەم ۋە 30دىن ئارتۇق مىللىي كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشتى.شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر مۇنبەرگە قاتنىشىشى ھېساپلىندۇ.
خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى چەتئەلدىكى ئىختىساس ئىگلىرى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى بولسا خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى بىلەن لېيپىن شىمالىي ئامېرىكا بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن كوللىكتېپ ئىلمىي دۇكلات، مەكتەپ ئارا ئىجىتىمائىي ئالاقە، كارخانا خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى بىر گەۋدە قىلىنغان يىللىق چوڭ يىغىلىش. 2016-يىللىق خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى چەتئەل ئىختىساس ئىگىلىرى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قىتىملىق يىغىلىشىقا جىڭدۇڭ (京东)، ۋاڭيى تورى (网易)، دى دى شىركىتى (滴滴出行)، ۋەنكى گۇرۇھى (.万科集团)، يىشىن شىركىتى (宜信)، ئالما شىركىتى (苹果)، سۇنىڭ شىركىتى (苏宁)، جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى (中国工商银行)، شۈگوڭ گۇروھى (徐工集团)، خۇاتەي ئاكسىيەسى (华泰证券)، مىيدې گۇرۇھى (美的集团) قاتارلىق جۇڭگودىكى 12 داڭلىق كارخانىلار قاتناشقان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەت خەلقئارالىق خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركەت لىدىرى كارخانچىلار بىلەن بىللە
خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى دېگەن نېمە؟
خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرى 1998-يىلى قۇرۇلغان ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئۇقۇغۇچىلار تەشكىللەنگەن ئەڭ چوڭ جۇڭگو كارخانىچىلىرى يىغىنى. مۇنبەرنىڭ مەقسىتى جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، مەسىلە ۋە يۈزلىنىشكە قارىتا ئىجابىي ھالدا سۆزلىشىش ھەمدە سودا، ئىلىم ، سىياسىي ساھەلەردىكى باشلامچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنى پىكىر قىلغۇزۇش.يىغىنغا قاتناشقۇچىلار دۇنيادىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرخىل مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى يىغىنغا قاتناشقانلارنى جۇڭگونىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن چارە- تەدبىر كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مەمەتجان كېرەم ئامېركا خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىدا زىيارەتتە
شىنجاڭ ئەلبېك غەرىبچە تىز تاماقخانا لىدىرى ئابلىكىم ئەپەندى بىلەن بىللە
شىنجاڭ ئىفرات سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەكبەر ئەلا بىلەن بىللە
كىنوخانا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىنىڭ سىنىپلىرى
تۇنجى ئىجاد قىلىنغان كومپىيوتېر IBM (ئۇزۇنلۇقى 8مېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى2.50ئەتراپىدا)
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئەڭ ئالىي يىغىن زالى
يىغىن كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خارۋارد جۇڭگو مۇنبىرىدە خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئەرقال قارمىقىدىكى ئەرقال كاپىتالى، ئەرخەۋەر، ئەرمائارىپ، ئەرخىزمەت تۆت شىركەت ۋە شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئالتۇن گۆھەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، قاتارلىق بەش مىللىي كارخانا قاتناشقان بولۇپ خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئاساسلىقى ئىنتېرنېت تېخنىكىسى، چەتئەل تىلى مائارىپى، پۇل مۇئامىلە، سودا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مەمەتجان كېرەم ئامېرىكا خارۋارد ئىگىلىك تىكلەش مۇنبىرىدە
خارۋاردتىكى خادىم قوبۇل قىلىش مۇنبىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇھەممەتجان ئەپەندىم بۇ خادىم قوبۇل قىلىش يىغلىشىغا باشتىن-ئاخىرى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ھەرقايسى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە سەبىيلەر شىركىتىنى،سانجى سەبىيلەر يىمەكلىك سانائەت باغچىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۇرۇپ ،سەبىيلەر شىركىتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى .
سەبىيلەر شىركىتى لىدىرى مۇھەممەتجان ئەپەندىمنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلىرى
چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن خادىم تەكلىپ قىلىش يىغلىشىغا شىنجاڭدىن كەلگەن 6شىركەت تاپشۇرۇۋالغان تەرجىمھال سانى 41گە يەتتى.
بىزئاخىردا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان سەبىيلەر شىركىتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلشىنى خىزمەتچى قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ زورىيشىنى شۇنداقلا شىركەت لىدىرى مۇھەممەتجان ئەپەندىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى كارخانچىلىق ھاياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.